«

مۇتەللىپجان مەمەت || بوتا كۆز

ئاپتۇرى:كاكتۇس     تۈرى: يوق ۋاقتى:2024-3-26 22:19    


بوتا كۆز

مۇتەللىپجان مەمەت


نېمىشقا بوتا كۆز تۇغقاندۇ ئاناڭ،

مەن ئاشىق بوتا كۆز، ئاشۇ كۆزۈڭگە.

ئىشقىمنى بىر ـ بىرلەپ ئېيتماقچى بولسام،

چۆكۈشۈم جەزمەندۇر بوتا كۆزۈڭگە.


نېمىشقا بوتا كۆز تۇغقاندۇ ئاناڭ،

ئاھ، غېرىپ كۆڭلۈمگە سېلىپ ۋەسۋەسە.

پەخىرلىك سېزىمەن شائىرلىقىمدىن،

شۇ بوتا كۆزۈڭگە پۈتسەم مىڭ قىسسە.


نېمىشقا بوتا كۆز تۇغقاندۇ ئاناڭ،

كۆزلىرىڭ بولسۇنچۇ مېنىڭلا پەقەت.

بۇ سۇنۇق كۆڭلۈمگە داۋا كۆزلىرىڭ،

تاراتقاي مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ـ مۇھەببەت...


2024/02/21