يار دېگگن...
ۋاقىت:2024-4-23 22:33 يوللىغۇچى:كاكتۇس تۈرى: شېئىرلار
يار دېگگن...
سەيدىمۇھەممەد مېھمان
يار دېگەن يۈرەكنىڭ جاراھىتى ئۇ،
يار دېگەن ھىجراننىڭ بالاغىتى ئۇ.
سۆيۈش بىر خاتالىق، گۈزەل خاتالىق،
يار دېگەن ھاياتنىڭ مالامىتى ئۇ!
يار دېگەن تىنىقتۇر، يار دېگەن خىيال،
يار دېگەن يۈرەكنى ئويغاتقان شامال.
ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مەشھۇر قىمارۋاز،
يار دېگەن قىماردۇر ، قىمار بىر ئايال.
يار دېگەن ناخشىدۇر ئېيىتسا تۈگۈمەس،
يار دېگەن شارابتۇر قىلسىمۇ گەر مەست.
يەتسىمۇ يېشىمىز سەكسەن، توقسانغا،
يار دېگەن كوچىدىن چىقالمايمىز بەس!
2023.2.18
خەتكۈچ: سەيدىمۇھەممەد مېھمان شىئىر
باھا: