بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

كۈندەشلىك

ئاپتۇرى:  ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت  يوللانغان ۋاقتى: 2022-04-21 13:43:25

كۈندەشلىك




ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت


mmexportd1c37577669af7f59744efba2a2f17cf_1650519578229.png


كۈن چىقىدۇ سېنى ماراپ ئېھتىمال،


سەن بولمىساڭ ئايغا ئاسمان قاراڭغۇ.


تىلىم يوقتۇر، ساڭا ئېيتار سۆزۈم بار،


مەن مۇشۇنداق خۇدى يوق بىر ساراڭغۇ!


 


كۆرگۈم يوقتۇر كۆرىدىغان كۆزلەرنى،


بەرىبىردۇر كۈن ۋە تۈننىڭ ئارىسى.


ياشلىرىمدا تۇنجۇقتۇرۇپ قاراڭنى،


يۇتقاي سېنى كۆزلىرىمنىڭ قارىسى.


 


سەن ئۆزۈڭگە چۆكۈپ كەتكىن، چۆكۈپ كەت،


يورىمىغىن مۇھەببەتنىڭ نۇرىدا.


ساڭا ئاتاپ ئېيتىلمىسۇن ناخشىلار،


كۈيلەنمىگىن قەسىدىلەر قۇرىدا.


 


مەي باغلىغان لەۋلىرىڭدە ئاق سەمەت،


لەۋ تامچىتىپ ئۆتەي كۆپكۆك غوراڭغا.


بىر جېنىمنى باغلاپ قوياي كۈچۈكتەك،


ھېزى بولسۇن چىتلىقى يوق شوراڭغا...


 


2022- يىلى، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، يېڭىسار

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法