بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

دەيلىمۇ

ئاپتۇرى:  لەيلا  يوللانغان ۋاقتى: 2022-04-22 22:36:50

دەيلىمۇ؟

1578244938744.jpeg

سۆيۈپ ئاشىق مىڭ يىل ھەتتا 

ۋىسالسىز ئۆلسە چۆلدە مەيلىمۇ 


كاللا ئويناتسا كۆڭۈل يۈگۈرتىپ، 

مۇزدا دۈم يېتىپ، كۆڭلى سۇنغان لەيلىمۇ؟ 


ئۆزى بىگانە، يار يىگانە غىرىب بولۇپ، 

يار ئىشقىدا رىزۋاندا يۈرسە سەيلىمۇ؟ 


يار يارىغا يار بولۇپ، يادەك ئەگدى قەددىنى، 

مۇھەببەتنى  ئۆزى ئىلىپ، بىزنى كۈلدۈرسە ھىجران مەيلىمۇ؟ 


سۆيدۈم دىمەڭ ئىغىزدا، سۆيمەك ئاسان كۆيمەك تەس، 

ئىشىق ئوتىدا زەھەر قاينىتىپ، ئوتۇن بولۇپ كۆيلىمۇ؟ 


يار ئازارى  ،  يار دىدارى، نە ۋىسال بەرمەكتى ئەھدى، 

گىپى چىقسا مۇھەببەتنىڭ، داردا ئۆلسەك مەيلىمۇ؟


بىزنى سۆيسە يالغان توقۇپ، بىز سۆيسەك قويدى داغدا، 

بىزمۇ بىرمەرتە يالغان توقۇپ، مۇھەببەت  ئۇلۇغ دەيلىمۇ؟ 


مىنى ۋەيران قىلىشقا يەتتى ئۇشبۇ مۇھەببەت، 

مەن ۋەيران بولغان كەبىي، سەنمۇ  ئۆلگىن دەيلىمۇ؟


ئىلتىجا قىلار ئاشىق مەشۇق ۋىسالىن  كۈتۈپ، 

ۋىسالسىز چۆلدە ئۆلسۇن، ئاشىق دەيلى، دەيلىمۇ  ؟!


بىر-بىرىنى سۆيۈپتۇ  ،گۈلغان بولۇپ كۆيۈپتۇ،

بارىكاللا ئوغال باللا  ، جۈرئەتلىككەن  بەخىت تاپسۇن دەيلىمۇ؟!


-لەيلا


2022/4/5

قاغىلىق 

چورناۋاي

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法