بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

ئۆزۈمگە

ئاپتۇرى:  مويۇنچۇر  يوللانغان ۋاقتى: 2022-04-27 21:46:42

img-1651067025514712cdc4f8cad53bdab58c1ecff3713a5962180a734bc9c231f34cfa3986bcd97.jpg

ئۆزۈمگە

 

ئۆزۈڭ  ھەققىدە كۆپ ئويلانما

 ئويلىغانسېرى ئىچىڭ پۇشىدۇ،

ئويلىغانسېرى زېرىكىسەن،

ئويلىغانسېرى ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر بىمەززە  بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ

قالىسەن،

ئۈمىدسىزلىنىسەن .

 

ئۆتمۈشۈڭ ھەقىدە كۆپ ئويلانما،

 ئويلىغانسېرى ئىچىڭ ئاچچىق بولىدۇ،

ئويلىغانسېرى  ئۆزۈڭنىڭ شۇقەدەر بىتايىن بىر ئادەم ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىپ قالىسەن،

پۇشايمان قىلىسەن .

 

 ھازىرىڭ ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇرما،

ئويلىغانسېرى يىراقلىشىسەن،

ئويلىغانسېرى ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ناقابىل بىر ئادەم ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىپ قالىسەن،

خورسىنىسەن.

خالىساڭ كەلگۈسۈڭ ھەققىدە كۆپرەك خىيال قىلىپ قوي،

 شۇلا سېنىڭ بارچە تاتلىق ئويلىرىڭنى ھاسىل قىلالايدۇ،

شۇلا ھەۋىسىڭنى قاندۇرالايدۇ.

 تۇيۇقسىز ئۆزۈڭنىڭمۇ كېرەكلىكتەك ھېس قىلىپ قالىسەن، شادىلىنىسەن،

بىردەملىك بولسىمۇ.

 

   —— مويۇنچۇر

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法