بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

خېنىم بىلەن تىلەمچى

ئاپتۇرى:  xamsiya阳光  يوللانغان ۋاقتى: 2022-05-09 18:03:38

ئىككى موزدوز


نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، ئاستانىدىكى بىر ئاۋات كوچىدا، بىر بوۋاي بىلەن بىر ياش يىگىت، موزدوزلۇق قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ھۈنىرىمۇ بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك قالتىس ئىدى. بىراق يەر چەكلىك بولغاچقا، ئىككىيلەن ئامالسىز ئالقاندەك چوڭلۇقتىكى يايمىدا قىستىلىشىپ، خېرىدار كېلىشىنى كۈتەتتى.


دەسلەپتە ئاياغ يامىتىدىغانلار ئۇلارنى ئاتا ـ بالا دەپ ئويلاپ، كۆڭلىدە ئىشقىلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاندىكىن كىم پۇل تاپسا ئوخشاش دەپ ئويلىدى؛ كېيىن ئۇلار، ئىككىسىنىڭ پەقەت تونۇشمايدىغانلىقىنى بىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياغ يامايدىغان چاغدا بېشى قاتتى: ئاياغنى ياش يىگىتكە ياماتسا، بوۋاينىڭ تەلمۈرۈپ تۇرغان بىچارە كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشقا چىدىمايدۇ؛ بوۋايغا ياماتسا، ياش يىگىت توختىماي ئۇھ تارتىپ، ئۆز ـ ئۆزىگە سۆزلەپ كېتەتتى. چۈنكى ئۇ تېزراق پۇل تاپسا ئاندىن دەرھال يۇرتىغا قايتىپ خوتۇن ئالالايتتى.

ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچ سىنىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خېرىدارلار باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىماي، كېلىشىۋالغاندەكلا كۆپرەك يول مېڭىپ، باشقا يەردىكى موزدۇزنىڭ قېشىغا كېتىدىغان بولىۋالدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئىككىيلەننىڭ سودىسى ئاستا ـ ئاستا كاساتلىشىپ كەتتى.

بىر كۈنى ئەتىگەندە، ياش يىگىت بوۋاينىڭ يايمىغا چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە كۆڭلىدە ئىختىيارسىز خۇشال بولدى. چۈش بولغاندا، بوۋاي ئاستا كېلىپ يايمىدا ئولتۇردى، بىراق ئۇ قۇرۇق قول كەلگەن ئىدى.


يىگىت بوۋاينىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىن چۈشەنمىدى، بۇۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ يىگىتتىن سورىدى:


-يالغۇز يايما ئاچسا سودىسى ياخشى بولامدىكەن؟ يىگىت خىجىل بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.

بوۋاي ئۇھ تارتىپ: -ئىلگىرى ئىككىمىز خېرىدار تالىشاتتۇق، نەتىجىدە خېرىدار مەنبەسى كۆپەيمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئېقىپ كېتەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەت بىلەن يايما ئاچساق بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەم رىقابەتتىن ساقلانغىلى، ھەم خېرىدارلارغا روھىي بېسىم پەيدا قىلمايمىز، -دېدى. يىگىت ماقۇل بولدى. دەرۋەقە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، ئۇلارنىڭ سودىسى ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

ئىش قىلغاندا يول قويۇشنى بىلگەندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ. يول قويۇش ۋاز كېچىش ئەمەس، بەلكى ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدىغان ئەقىل ـ پاراسەت، شۇنداقلا كىشىلىك ئالاقىدىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەتتۇر.


微信图片_20220509175927.jpg


خېنىم ۋە تىلەمچى


شەھەر سىرتىدىكى چىرايلىق داچىدا بىر گۈزەل خېنىم ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى چاچلىرى ئاپئاق 

ئاقارغان، كىيىملىرى جۇل-جۇل تىلەمچى خېنىمنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ. خېنىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ ئۇنىڭغا ئون سوم پۇل بېرىپ سوراپتۇ:

-سىز تىلەمچىلىكتىن باشقا يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟

-ياسىنىمەن،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ تىلەمچى.

-ياسىنىمەن؟- خېنىم تولىمۇ ئەجەپلىنىپتۇ،- تىلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ ياسىنىش كېتەمدۇ؟

-شۇنداق، ئەلۋەتتە ياسىنىش كېرەك،- دەپتۇ تىلەمچى،- مەن ئۆزۈمنى پەردازلاپ تېخىمۇ نامرات ھەم قېرى كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن-دە، بۇئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، نۇغۇن پۇل تاپالايمەن. خېنىم، سىزچۇ،خىزمەت قىلغاندىن باشقا يەنە قانداق ئىشلارنى قىلسىز؟

-گىرىم قىلىمەن،- دەپتۇ خېنىم.

-خېنىم، سىز قەيەردە ئىشلەيسىز؟ - يەنە سوراپتۇ تىلەمچى.

-تانسىخانىدا،- دەپتۇ خېنىم جاۋابەن،- مەن گىرىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياش، ئالىيجاناپ ھەم پەزىلەتلىك كۆرسىتىشىم كېرەك، مۇشۇنداق قىلساملا مېھمانلار مېنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ، نۇرغۇن پۇل بېرىدۇ.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان تىلەمچى دەرھال ھېلىقى ئون سومنى خېنىمغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.

-ھە، سىزگە كېرەك ئەمەسمۇ؟- سوراپتۇ خېنىم ئەجەپلىنىپ.

-شۇنداق، ماڭا پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس!- دەپتۇ تىلەمچى،- بىزنىڭ بىر كەسىپتىكىلەرنىڭ مۇنداق بىر 

قائىدىمىز بار، يەنى ئۆز- ئارا پۇل تىلەشمەيمىز!


微信图片_20220509175934.jpg


بەخت قەدىرلەشتە


بىر كۈنى شاگىرت ئۇستازىغا:


__ ئۇستاز مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ، مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج، بولمىسا مەن ساراڭ بولۇپ قالىمەن، مەن ئايالىم، بالىلىرىم ۋە ئاتا-ئانام بىلەن بىللە كىچىك بىر ئۆيدە تۇرىمەن. ھازىر ھەممىمىزنىڭ سەۋرى چېكىگە يېتىپ پېتىشماي ، كۈندە تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتۈۋاتىمىز. ئۆيۈم ھازىر بەئەينى ئازاب دېڭىزىنىڭ ئۆزى.


   ئۇستازى ئۇنىڭغا ئەستايىدىل ھالدا:


__ ئۇنداقتا سەن مەن بۇيرىغان ئىشنى قىلىشقا رازى بولامسەن؟__ دەپ سوراپتۇ.


__ ئەلۋەتتە رازى، دېگنىڭىز بويىچە قىلىمەن.


__ ئۆيۈڭدە قانچە ھايۋان بار؟


__ بىر كالا، ئىككى تۇياق قوي ۋە ئالتە توخۇ بار.


__ ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەر تۇرىۋاتقان ئۆيگە ئەكىرىۋال. ئاندىن بىر ھەپتىدىن كېيىن مېنى ئىزدە. 


بىر ھەپتىدىن كېيىن شاگىرت تولىمۇ بىچارە ھالدا ئۇستازىغا ۋايساپ:


__ ئۆيدىكى سېسىق پۇراق ۋە ۋاراڭ چۇرۇڭلار تۈپەيلى مەن پۈتۈنلەي كاللامدىن كېتەي دەپ قالدىم، قەتئىي چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.__ دەپتۇ.


___ ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋەت.__ دەپتۇ ئۇستازى.


شاگىرت دەرھال دەرھال ئۆيىگە قايتىپ ئۇستازنىڭ دېگىنى بويىچە قىپتۇ ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن كۆزلىرى خۇشاللىق نۇرلىرى چاقنىغان ھالدا ئۇستازىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:


__ھايات نىمىدىگەن گۈزەل، ھايۋانلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيۈم گۈزەل بىر باغچىغا ئايلاندى، شۇنداق جىمجىت ۋە ئىللىق.


بەخت ئۆزىدە بار نەرسىنى قەدرلەشتىن كېلىدۇ، باشقا يەردىن ئەمەس.  


بۇ مەزمۇن كۆكدىڭىز سالوندىن ئېلىندى بۇيەرنى چىكىش ئارقىلىق ئەسلى مەنبەدىن كۈرەلەيسىز


مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法