بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

ئۆزىڭنى بىل ئۆزگىنى قوي

ئاپتۇرى:  بەھرى  يوللانغان ۋاقتى: 2022-05-13 01:05:07

«ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي»


 

ئاپتور : بەھرى


 


 ھەممە كىشى مېھىرگە تەشىنا بۇلۇپ تۇرغان مۇشۇ ۋاقتىدا  قەيسەرلىك  بىلەن ياشايمەن دەپ ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال  قىلىۋاتقانلارنى، ساختا ۋە يالغانلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇپ كىشىلەرگە  كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى قەيسەر ۋە باتۇر كۆرۈنىشكە، ئۆزىنى ھەممىگە بەرداشلىق  بېرەلەيدىغان قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي  تىرىشىپ، ئاخىرىدا  ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويىۋاتقانلارغا ھېسداشلىق قىلغۇم كېلىدۇ.


 


 شارغا ھەددىن ئارتۇق يەل ئۇرۇلسا پارتلاپ كېتىدۇ، ھارۋىغا ھەددىن ئارتۇق يۈك بېسىلسا كۆتۈرەلمەيدۇ، ئۇنداقتا بىز نەسەۋەب ئۆزىمىزگە ھەددىن ئارتۇق يۈكنى بېسىۋالىمىز؟ 


 


بەزى چاغلاردا «مەن چارچىدىم»، «مەن ھاردىم» دېيىش ۋاز كەچكەنلكتىن دېرەك بەرمەيدىغۇ، ھارغان بولسا ھاردىم دېيىش كېرەك، چارچىغان بولسا  چارچىدىم دېيىش كېرەك شۇنداق  ئەمەسمۇ؟ پەقەت شۇنداق دەپ ئەمەلىيەتكە ھەقىقىي يۈزلىنەلىگەن كىشى ئاندىن باتۇر سانالمامدۇ؟ 


 


چارچاش، ھېرىش، بەرداشلىق بېرەلمەسلىك ئەمەلىيەتتە  نۇرمال ئەھۋال  ، ئىنسان ئەمەسمۇ  ، تۇرمۇش چارچىتىدۇ، ھارغۇزىدۇ گاھى غۇلاپ چۈشۈرۋېتىدۇ،  ئەجىبا ئادەم ئۆمرىدە يىقىلماسلىقى كېرەكمۇ؟  يىلىغان ئۇرۇندىن قايتا تۇرغىنى ھېساب ئەمەسمۇ؟ 


ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ۋاقىتلاردا كىشىلەردە بىزگە  نىسبەتەن ھېچقانداق غەيرى ئاڭ ۋە غەيرى كۆز قاراش بولمايدۇ، پەقەت بىز ئۆز ئۆزىمىزدىن رازى بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن  باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئويلىدى دەپ قارايدىغان گەپ،  پەقەت ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز قەقىقىي تۈردە رازى بۇلالىغاندا ئاندىن باشقىلارنىڭ بىزگە غەيرى قاراشتا بولمايۋاتقانلىقى ھېس قىلالايمىز خالاس


ئەمەلىيەتتە بىز كىشىلەر تەرىپىدىن  كەمسىتىلىش،گۇماني نەزەردە  قاراش  ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتىن خالىي كىشىلەرمىز  ھەقىقىي تۈردە بىزنى كەمسىتكەن بىزگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىغان ۋە بىزنى كۆزىگە ئىلمىغانلار باشقىلار بولماستىن  دەل ئۆزىمىز، بىز پەقەت ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھەقىقىي تۈردە ئېتراب قىلالمىغانلقىمىز  ئۈچۈن تەبئىي  ھالدا باشقىلار تەرپىدىنمۇ شۇنداق بولغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالغان، خۇددى سەن ئۆزۈڭ قانداق بولساڭ باشقا ھەممە ساڭا شۇنداق  كۆرىنىدۇ دىگەندەك، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان  كۆز قارىشىمىز سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزىمىزنىڭكىدەك ئويلىۋالغان.


ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان كۆز قاراشنى ئوڭشىماي تۇرۇپ ،  باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشنى ئوڭشايمەن دېيىش تولىمۇ ئەخمەقلىق خالاس.

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法