بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

مەن ھېچكىم، ھېچنىمە

ئاپتۇرى:  ئاينۇر يۈسۈپ  يوللانغان ۋاقتى: 2022-05-14 02:44:50

mmexport1652467229601.jpg

سەن كىم دەپ سوراۋاتامسەن؟


مەن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى بىلەتتىم، تۆرەلمىشىمدىن ھازىرغىچە ئوخشىمىغان ۋاقىت بوشلۇقلىرىدا ئوخشىمىغان ناملار، سالاھىيەتلەر بىلەن ئاتىلىپ  كەلدىم . مەن ئانامنىڭ قورسىقىدا ھامىلە، يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمدا بوۋاق ، كېيىنچە كىچىك بالا، قىز، ئايال خوتۇن، كېلىن، مۇئەللىم … يەنە تالاي ناملىرىم بىلەن .


     يەر شارى  قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلانغىنىدەك ئوخشىمىغان سالاھىيەت ئوخشىمىغان ناملىرىم مېنى،  توغرىسىنى ئېيتقاندا مېنىڭ ھاياتلىق  قىسمىمنى  مەركەز قىلىپ توختىماي ئايلىنىۋېتىپتۇ . خۇددى ئالەمنىڭ تۆت پەسلى بولغاندەك، كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرغاندەك .


ئەمدى بولغاندا ، گاھىدا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم ، مەن زادى كىم؟ مەن كىم؟ ھەقىقىي سالاھىيىتىمنى بىلىشكە قۇربىم يەتمىدى ، چۈنكى مەن ئۆزۈمنى ھەقىقىي كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.  ئۆزۈمنى تونۇدۇم دېدىم- يۇ ، يەنىلا كىملىكىمنى ئىلغا قىلالمىدىم .


 كىملىكىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم . چۈنكى ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەمدىن ئۆزۈمنى كۆرۈۋاتاتتىم ، مەن ئۇنىڭغا ئايلىنىپ قالغاندەك ، ئۇ ماڭا ئايلىنىپ قالغاندەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىچىمدىكىنى سۆزلەيتتى، ھېس قىلالمىغان تۇيغۇلىرىمنى، تاپالمىغان سەزگۈلىرىمنى، ئۆزۈم كۆرەلمىگەن ئۆزۈمنى سۆزلەۋاتاتتى .  گاھىدا  ئۆزۈم خالىمىغان ئۆزۈمنى كۆرگىنىمدە ، مەن قورقۇپ  كەتتىم -«مەن بۇ ئەمەس . ياق ، ياق ، مەن ئەمەس . مەن ئەزەلدىن  بۇنداق . ئەمەس»- ، دەپ ئۆز ئۆزۈمگە ۋارقىراپ كەتتىم .


ئەپسۇس ، ئۇ يەنىلا ئۆزۈم ئىدىم، ئېتىراپ قىلالمىغان  ئۆزۈم ئىدىم. قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان ئۆزۈم ئىدىم .


مەن شۇندىلا ئۆزۈمنى خىرە كۆرگەندەك بولدۇم .


مەيلى كىم بولاي ، قايسى ناملار، سالاھىيەتلەر بىلەن ئاتالماي يەنىلا بىر ئاددىي ھاياتلىق ئىدىم ، خۇددى كائىناتتىكى بارچە شەيىلەر--گۈل گىياھ، دەل  دەرەخ، تاغ دەريا…دەپ ئاتالغاندەكلا ، مەن پەقەت ھاياتلىقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، ھاياتلىق توختامىمدىكى ئورنۇم رولۇم بىلەن، گاھى ئاتا ئانامنىڭ  ئەركە  بالىسى، گاھى بالىلىرىمنىڭ  قەيسەر ئانىسى ، يەنە گاھى  قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەدە، سىڭلىسى يەنە كىملەرنىڭدۇ خىزمەتدىشى، دوستى، ئۇستازى…دېگەندەك تالاي ناملار بىلەن  ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى ھېس قىلالماي ، گاھى كۈلۈپ ، گاھى يىغلاپ ، گاھى چوڭىيىپ ، گاھى كىچىكلەپ، قىشتا قۇرۇپ، باھاردا كۆكلەپ كەلگەن ئاددىيلا بىر ھاياتلىق ئىدىم .


 بالىلىرىمنىڭ ئانىسى ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ، پەقەتلا شۇ ئانا نامى بىلەن ئاتالغان ئۇلار بىلەن ئوخشاش ھاياتلىق ئىدىم . ئېرىمنىڭ خوتۇنى ئەمەس ، بەلكى خوتۇن نامى بىلەن ئاتالغان بىر بىرىمىزنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن كەلگەن ھاياتلىق سەپىرىنى بىر بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان  سەپەردىشى ئىدىم. بىزنىڭ پەقەت فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئەر ئايال ئاتىلىپ كەپتىمىز، ھاياتلىقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ھايات سەھنىسىدە ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئېلىپ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ كەپتىمىز .


ئەسلى مەن ھېچكىم ھېچنېمە ئەمەس ، بەلكى ئالەمدىكى  تالاي مەۋجۇدىيەتلەرگە  ئوخشاش  كائىناتنىڭ  ئىنسان دەپ ئاتالغان بىر مۆجىزىسى ئىدىم .


mmexport1652467233382.jpg


نېمانچە ئۆزگىرىپ كەتتىڭ دەۋاتامسەن؟


 شۇنداق ، مەن ئۆزگەردىم، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىگە بولغان تونۇشۇم ئۆزگەردى. ئەتراپىمدىكى  توختاۋسىز ئالمىشىپ تۇرغان  مەنزىرە  كۆرۈنۈشلەرگە بولغان تونۇشۇم ئۆزگەردى . كۆزۈم بىلەن ئەمەس ، قەلبىم بىلەن تونۇشقا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىمەن ئەسلى رېڭى بىلەن ئەسلى ھالىتى بىلەن كۆرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتىمەن .


   --سېنى نېمە ئۆزگەرتتى دەپ سوراۋاتامسەن؟ 


 نېمىلەرنىڭ ئۆزگەرتكىنىنى يەنىلا ئېنىق بىلمەيمەن. بەلكىم ئۆزگىرىشنى خالىغىنىم، تاللىغىنىم ئۈچۈندۇر ۋە ياكى گۈزەل بىر ئۆگىنىش سەپىرىگە ئۇلاشقىنىم ئۈچۈندۇر، ئۆگىنىشنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلغىنىم، مەنزىل نىشانىمنى تاپقىنىم ئۈچۈندۇر .


  --ئۇنداقتا مەنزىلىڭ قايان ؟


 -بىلمەيمەن ، لېكىن بۇ ئۆگىنىش سەپىرىنىڭ مېنى ئەڭ گۈزەل مەنزىلگە  ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىمەن . پەقەت بۇ مەنزىلنىڭ مەن بارماقچى بولغان گۈزەل مەنزىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن .


  -سەن بۇ سەپەردىن نېمىگە ئېرىشتىڭ ؟ 


 بۇنىمۇ بىلمەيمەن، مېنى كۈتۈپ تۇرغىنى نېمە بولسا مەن شۇنى ئېرىشكىنىم دەپ بىلىمەن، كۈتۈۋاتقىنى  خۇشاللىق بولۇشىمۇ ، ئازاب بولۇشىمۇ ۋە ياكى تېخىمۇ جاپالىق سىناقلار بولۇشىمۇ مۇمكىن . ئۇلارنىڭ نېمە بولۇشى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس . مۇھىمى مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن ، مەن بۇ سەپەردىن مانا مۇشۇنداق ھەممىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل  قىلىشنى ئۆگەندىم .  بۇ سەپەردىن شۇنچىلىك گۈزەل تۇيغۇلارغا ئېرىشتىم .


-قانداق تۇيغۇ ئۇ؟  


- ئىنتايىن ھۇزۇرلۇق راھەت تۇيغۇ. مەن بۇ سەپەردە يول بويى ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ، گۈزەل جەريانلاردىن  خالىغانچە ھۇزۇرلاندىم. ۋۇجۇدۇم ئىلگىرى ھېس قىلىپ  باقمىغان بىر راھەتلىككە تولدى . بۇنى مەن  بىر مەڭگۈلۈك تۇيغۇ دەپ ئاتىدىم.


    -ئۇنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى نەدە دەپ سورىدىڭ.  ئۇ كىيىم كېچەك ، زىبۇ زىننەت ، ئويۇن تاماشلاردىن كەلگەن خۇشاللىق تۇيغۇسىدەك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىردەمدىلا يوقاپ   كەتمەيدۇ .  يېڭىلىق  تۇيغۇسىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشى بىلەن خىرەلىشىپ قالمايدۇ . ئەمما ، بۇ سەپەردىن تاپقان تۇيغۇلار كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ ئاجايىپ يېڭىچە ، ئاجايىپ ئۆزگىچە .  


 -نېمىشقا ماددىي نەرسىلەردىن ئېرىشكەن تۇيغۇلارنى ۋاقىتلىق تۇيغۇ دەيسەن دەپ سوراۋاتامسەن ؟ چۈنكى سەن باشقىلارنىڭ سېنىڭكىدىنمۇ چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەرنى كىيگىنىنى كۆرگىنىڭدە سېنىڭكىدىنمۇ نەپىس زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقىغىنىنى كۆرگىنىڭدە، سېنىڭكىدىنمۇ چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىنى كۆرگىنىڭدە، مودا بولۇۋاتقان ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ يۈرگىنىنى كۆرگىنىڭدە... بەلكىم بۇ خۇشاللىقلىرىڭ يوقاپ كېتىشى ، ھەتتا ئىچىڭنى ھەسەت ئوتلىرى كۆيدۈرۈپ كۈل  قىلىۋېتىشى مۇمكىن،  ئەمما قەلبىڭدىكى توقلۇقتىن كەلگەن خۇشاللىق تۇيغۇسى ، بارلىق تۇيغۇسى مەڭگۈ يوقالمايدۇ .بۇ پەقەت بىر ھېس قىلىش خالاس. سەندە ھېس قىلالايدىغان سەزگۈرلۈك بولسىلا ، بۇ تۇيغۇلار يوقالمايدۇ .


-  سەزگۈرلۈككە قانداق ئېرىشىمەن دەۋاتامسەن ؟ 


مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت ئىچ-ئىچىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان مىننەتدارلىق، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچ ، گۈزەل نىيەت .


 - راستىنلا ئېرىشەلەمدىم ؟

پەقەت سەن ئىشىنىشنى خالىساڭلا « كۆرمىگەنگە ئىشىنىشنىڭ مۇكاپاتى دەل ئىشەنگەننى كۆرۈشتۇر» .


   ئۇھ،  سوراقلىرىڭنى توختات، مەن بىلمەيمەن . پەقەت بىلىدىغانلىرىمنىڭ ئىنتايىن ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن . سېنىڭ سوراقلىرىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيمەن . چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكىمنىلا بىلىمەن . ئالەمدىن ئىبارەت بۇ بىر پۈتۈنلىكنىڭ بىر زەررىچىسى، ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدىنىڭ بىر ھۈجەيرىسى ئىكەنلىكىمنىلا بىلىمەن .قانداق كەلگەن بولسام شۇنداق قايتىدىغانلىقىمنى  بىلىمەن .مەندىن قالىدىغىننىڭ كىم ئىكەنلىكىم ئەمەس ، بەلكى شۇ سەپەر جەريانىدىكى ئىزلىرىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法