بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

قوپال ئاڭلىنىدىغان ھەقىقەتلەر

ئاپتۇرى:  ئەلىجان  يوللانغان ۋاقتى: 2022-05-15 01:21:37

قوپال ئاڭلىنىدىغان ھەقىقەتلەر

تەرجىمىدە: ئەلىجان

تۇرمۇشىمىزدا ھەر كۈنى نۇرغۇن قائىدە-داۋلىلارنى، ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇ ھەقىقەتلەر ئاڭلىماققا شۇنچىلىك پاساھەتلىك، كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ، لېكىن بەزىدە مۇنداقلا ئېيتىلغان سۆزلەر ھاياتلىقتىكى نۇرغۇن ھەقىقەتلەردىن بەكرەك ھەقىقىي ۋە تۇرمۇشقا يېقىن، لېكىن ئازراق قوپال تۇيۇلىدۇ.

1. قېرىپ بىتاپ بولۇپ ياتقان چېغىڭىزدىلا ھەقىقىي خاپىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بۇرۇنقى خاپىلىقلارنىڭ ئەسلى ئانچىكى بىر ئىشلار ئىكەنلىىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز.

چۈنكى ساغلام بولمىسىڭىز تاپقان بارلىق بايلىقلىرىڭىز پەقەت بىر قاتار سان-سىڧىر، خالاس.

2. سىز تاپقان پۇللىرىڭىزنى قەبرىگ ئېلىپ كېتەلمەيسىز، لېكىن پۇللىرىڭىز سىزنى قەبرىگە ئېلىپ بارالايدۇ.

دېمەك، پۇلىڭىز بولغىنى ياخشى، لېكىن زىيادە ئاچكۆزلۈك، نامۇۋاپىق بايلىق سىزنى بارسا كەلمەس يوللارغا باشلىيالايدۇ.

3. سىز نېمىشقا خۇشال يۈرەلمەيسىز؟ چۈنكى سىز چوشقا كەبى ھورۇن بولالىغان بىلەن، چوشقىدەك غەمسىز بولالمايسىز.

تۇرمۇش شۇنداق، ئۇ سىزنى جاپالىرىڭىزغا چۇشلۇق تارتۇقلايدۇ، ھورۇن بولسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، تۇرمۇش مەلۇم بىر دوقمۇشلاردا سىزنى ئادەم بولغانغا تويغۇزۇپ قويىدۇ.

4. ھايات ۋاقتىڭىزدا ئامال بار خۇشال يۈرۈڭ، چۈنكى ھايات ۋاقتىمىز قىسقا، ئۆلۈك ۋاقتىمىز ئىنتايىن، ئىنتايىن ئۇزۇن...

ھاياتلىقتا شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تېتىپ ياشايمىز. لېكىن قايغۇ-ئازاب، غەم-ئەندىىشە بىلەنلا ياشىسىڭىز خۇشاللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغۇچە ھاياتىڭىز تۈگەيدۇ.

5. پۇل خۇددى كالتە ئىشتانغا ئوخشايدۇ، ئۇ سىزدە چوقۇم بولۇشى كېرەك، لېكىن ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

پۇل تۇرمۇشىڭىزنىڭ كاپالىتى، ئۇنى ھەممىگە كۆز-كۆز قىلىدىغان ھەشەم بويۇم دەپ ئويلىۋالماڭ.

6. سىز غەلىبە قىلغاندا پىچىرلىسىڭىزمۇ دۇنيا ئاڭلايدۇ، مەغلۇب بولغاندا كارنىيىڭىز يىرتىلغۇچە ۋارقىرىسىڭىزمۇ ھېچكىم پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايدۇ.

سۆزۈمنى باشقىلار ئاڭلىسۇن دېسىڭىز، سىزدە شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىقتىدار ئەمەلىي كۈچ بولۇشى كېرەك. 

7. بىر ئىت بىلەن تالىشىپ قالسىڭىز ئۈچ خىل نەتىجە چىقىدۇ. يەڭسىڭىز ئىتتىنمۇ ۋەھشىي بولىسىز، يېڭىلسىڭىز ئىتچىلىكمۇ بولالمىغان بولىسىز، تەڭلەشسىڭىز ئىتتن پەرقىڭىز بولمايدۇ.

دېمەك، ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇچرايدۇ، ۋاقتىڭىزنى ھەرگىز ئەرزىمەس كىشىلەر ئۈچۈن ئىسراپ قىلماڭ.

8. سىز بىرەر قېتىم ئورەككە چۈشۈپ كەتكەن بولسىڭىز تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭدىن كەلمىگىنىدۇر، لېكىن كەينى-كەينىدىن شۇ ئورەككە سەكرەۋەرگەن بولسىڭىز، «خوپ بوپتۇ»، دەيمىز، خالاس. 

ئىنسان خاتالاشمايمەن دېيەلمەيدۇ، لېكىن خاتالاشقاندىن كېيىن ئويلىنىشنى، تۈزىتىشنى بىلىشى كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغانلار ھەرگىزمۇ خاتالاشمايدىغانلار ئەمەس، بەلكى خاتالىقتىن كېيىن ئويلىنىشنى بىلىدىغانلاردۇر.

9. نىجاسەت يەيمەن دەپ جاھىللىق قىلىۋاتقان كىشىنى ھەرگىز توسۇپ ئاۋارە بولماڭ. ئۇ سىزدىن مىننەتدار بولماقتا يوق، بەلكى قولۇمدىكىنى تالىشامدىكىن دەپ قىزغىنىدۇ.

ياخشى كۆڭلۈم دەپ باشقىلارغا زىيادە كۆڭۈل بۆلمەڭ، بولمىسا ياخشى كۆڭلىڭىز باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.

10. جەمئىيەت سىزنىڭ ئانىڭىز ئەمەس، نېمىلا دېسىڭىز شۇنى تەييار قىپ بېرىدىغان...

بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جان تىكىپ تىرىشىڭ، تۇرمۇش ماڭا رەھىمدىللىك قىپ قالارمۇ دېگەن خام خىيالدا بوپ يۈرمەڭ.

11. ئادەم بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلىشىدۇ، لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسىنى ئۇچرىتىدۇ.

لېكىن بىلىش كېرەككى، مەغلۇبىيەت قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى جاسارىتىنى يوقىتىپ قويۇشتۇر.

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法