بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

يازغۇچى بىلەن شوپۇر

ئاپتۇرى:  كۆك دېڭىز  يوللانغان ۋاقتى: 2022-05-27 03:03:53

بىر يازغۇچى ناھايىتى ئۆزگىچە بىر تاكسىغا ئولتۇرۇپتۇ . شوپۇر رەتلىك كىيىنگەن ، ماشىنىمۇ ناھايىتى پاكىز ئىدى .


ئۇ ئولتۇراي دەپ تۇرۇشىغا ، شوپۇر ئۇنىڭغا بىر نەپىس كارتىنى بەردى ، كارتىغا : « دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ، مېھمانلىرىمنى ئەڭ تېز ، ئەڭ بىخەتەر ھالدا مەنزىلگە يەتكۈزۈپ بېرىمەن » دەپ يېزىلغانىدى .  


بۇ گەپنى كۆرۈپ يازغۇچى كۆڭلىدە ، بۇ شوپۇر ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايدىكەن ، دەپ ئويلىدى .


 بۇ چاغدا شوپۇر ئېغىز ئېچىپ : ـــ  بىرەر نەرسە ئىچەمسىز ؟  دېدى.


يازغۇچى تېخىمۇ ھەيران بولۇپ: ـــ سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا يەنە ئىچىملىكمۇ بارمۇ ؟ مەن بىر ئىستاكان ئىسسىق قەھۋە ئالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى . شوپۇر يېنىدىكى ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانىدىن بىر ئىستاكان ئىسسىق قەھۋە قۇيۇپ ئۇنىڭغا بەردى ۋە بىر پارچە كارتا بەردى . كارتىدا ھەر خىل گېزىتنىڭ نامى ۋە ھەر قايسى رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ پروگرامما تىزىملىكى بار ئىدى.


يازغۇچى بىردىنلا بۇ تاكسىنىڭ بەك ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىقىپ شوپۇردىن:


 نېمە ئۈچۈن كىرا ھەققىڭىز باشقا كىشىلەر ئالغان كىرا ھەققى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، مەن باشقا تاكسىغا ئولتۇرغاندا ، شوپۇرلار ماشىنا توسۇلۇپ قالغانلىقىدىن، كىرىمىنىڭ ئازلىقىدىن ئاغرىنىدۇ ، سىز نېمىشقا شۇنچە خوشال ، يەنە كېلىپ شۇنچە ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيسىز؟ دەپ سورىدى.


شوپۇر مۇنداق جاۋاب بەردى:  


-- ئەمەلىيەتتە ، دەسلەپتە مەن باشقىلارغا ئوخشاش ھەممىدىن ئاغرىنىپلا يۈرەتتىم ،


تاكى بىر كۈنى ، مەن  رادىئودا« ئاغرىنمايدىغان دۇنيا» دېگەن كىتابتىكى  « ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاغرىنىش توختىتىلسا ، ھەرقانداق ئادەم مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ ماڭالايدۇ» دېگەن كۆز قارىشىنى تاسادىپىي ئاڭلىغاندا ، ئۆزگۈرۈشكە باشلىدىم ،


بىرىنچى يىلى:


 مەن پەقەت بارلىق يولۇچىلارغا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلدىم ،  شۇ يىلى كىرىمىم بىر ھەسسە ئاشتى.


ئىككىنچى يىلى:


مەن بارلىق يولۇچىلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇسىغا چىن قەلبىمدىن كۆڭۈل بۆلدۈم ھەم ئۇلارغا تەسەللى بەردىم ، بۇنىڭ بىلەن كىرىمىمدە يەنە ئۆزگۈرۈش بولدى.


ئۈچىنچى يىلى :


 يەنى بۇ يىل ، مەن تاكسىيىمنى ئامېرىكا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان بەش يۇلتۇزلۇق تاكسىغا ئايلاندۇردۇم . مېنىڭ كىرىمىمدىن باشقا ، يەنە مېنى بىلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى ، ھازىر مېنىڭ ماشىنامدا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ، ئالدىن تېلېفون ئۇرۇپ ئالدىن كېلىشىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ . سىز ئەمەلىيەتتە يولدا ماڭغاچ ئېلىۋالغان يولۇچى - دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ ...

mmexport1653591501018.jpg

مەنبە:كۆك دېڭىز سالونى

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法