بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

​مۇھەببەت دېگەن نېمە؟

ئاپتۇرى:  تور دۇنياسى  يوللانغان ۋاقتى: 2022-05-28 09:35:32

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟


پىلاتو ئۇستازى سوقراتتىن سوراپتۇ :

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟


سوقرات ئۇنى بۇغدايلىققا بېرىپ، ئەڭ چوڭ باشاقتىن بىرنى ئۈزۈپ كېلىشكە بۇيرۇپ، پەقەت بىرلا قېتىم ئۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پىلاتوغا بۇ ئىش ئىنتايىن ئاسان بىلىنىپ، ئىشەنچ بىلەن يولغا  چىقىپتۇ.


كىم بىلسۇن؟ يېرىم كۈن ئۆتۈپمۇ تېخىچە قايتمىغان پىلاتو، ئەڭ ئاخىرىدا بېشى ساڭگىلىغان ھالدا ئۇستازىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، قۇرۇق قول قايتقىنىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىپتۇ:

«ئاران تەستە يامان ئەمەستىن بىرىنى تاپقانىدىم، بىرلا قېتىم ئۈزۈشكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ ياخشىسى ئۇچراپ قالارمۇ دەپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم، مۇشۇنداق مېڭىۋېرىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە قولۇمدا بىرتالمۇ باشاق يوقلىقىنى بايقىدىم.»


سوقرات ئۇنىڭغا :«مۇھەببەت دېگەن ئەنە شۇ. ئۇ ئاسانلا قولدىن بېرىپ قويىدىغان بىر غايە. » دەپتۇ.


پىلاتو:

توي دېگەن نېمە؟


سوقرات ئۇنى ئورمانلىققا كىرىپ، ئارقىغىمۇ قارىماستىن مېڭىشىنى، بۇ جەرياندا ئۇچرىغان روژدېستىۋا دەرىخى قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان، ئەڭ ياخشى دەرەخ ماتىريالىدىن بىرنى ئەكىلىشكە بۇيرۇپ، يەنىلا بىرلا قېتىم ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئالدىنقى قېتىملىقتىن ساۋاق ئالغان پىلاتو، بۇ نۆۋەت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يولغا چىقىپتۇ.


يېرىم كۈندىن كېيىن ئ‍ۇ ئىنتايىن ھارغىن ھالدا، قارىماققا تۈپتۈز، ياپيېشىل، ئەمما بىرئاز شالاڭ ئۆسكەن قارىغاي دەرىخىدىن بىرنى سۆرىگىنىچە قايتىپ كەپتۇ.سوقرات :

«مۇشۇ ئەڭ ياخشىسىمۇ؟»

پىلاتو جاۋابەن:

«بىرلا قېتىم ئالالايدىغانلىقىم ئۈچۈن، قارىماققا خېلىلا بولىدىغان بىر تۈپ قارىغاينى ئۇچراتتىم، ۋاقتىم ھەم ماغدۇرۇمنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى بايقاپ، ئەڭ ياخشىسى بولۇش بولماسلىقى بىلەن كارىم بولماستىن، مۇشۇنى ئېلىپ كەلدىم.»


بۇ چاغدا سوقرات ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ :

«مانا بۇ توي. ئۇ بىر ئىدراك.  تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئۇنۋېرسال تەڭپۇڭلۇقنىڭ نەتىجىسى.»

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法