بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان

گۈزەل خاتىرە

كىچىككىنە بىر بايقاش

ئاپتۇرى:  微博网  يوللانغان ۋاقتى: 2022-05-29 01:52:54

كىچىككىنە بىر بايقاش: 


تىلىمىزدىكى «قۇرۇق» (قۇرۇپ كەتكەن؛ بوش) دېگەن سۆز بىزنىڭ يۇرتتا «قۇغ» بولۇپ قىسقىرايتتى. مەسىلەن: «قۇغدىماق» (قۇرۇتماق؛ قۇرۇغدىماق، بوشاتماق)، «قۇغۇن» (<قۇرۇق ئۇن)، «قۇغ ئۈزۈم» (قۇرۇق ئۈزۈم) ... دەيتتۇق. 


بۇ قىسقارما تەركىبىدىكى غ تاۋۇشى باشقا شېۋىلەردە ۋ لىشىپ، «قۇۋ» دېگەن ۋارىيانت ھاسىل بولۇپ، ئوخشاش مەنە ئاڭلىتىپتۇ. ئاندىن، بۇ سۆز «قۇرۇپ كەتكەن، قۇرۇق» دېگەن مەنىدىن «كاللىسى پىشىپ قۇرۇپ كەتكەن، تەجرىبىلىك بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن» دېگەن مەنىگە خاسلىشىپتۇ. بۇنداق خاسلىشىش «ساراڭ» (ئارىلاش، ئېلىشمال) دېگەن سۆزنىڭ «كاللىسى ئېلىشمال، زەنى قالايمىقان» دېگەن مەنىدە ئادەمگە ئىشلىتىلگىنىگە ئوخشىسا، بۇنىڭ تەپەككۈر ئاساسى «قاقباش» (قاق + باش) دېگەن سۆزنىڭ «پىشىپ قاقتەك بولۇپ كەتكەن باش» دېگەن مەنىدە ياسالغىنىغا ئوخشايدىكەن. بىزنىڭ ھازىر «قۇۋ» (ھىيلىگەر، مەككار) دەپ ئىشلىتىشىمىزمۇ «پىشقان، ھۈنەرلىك» دېگەندىن ھاسىل بولغان كۆچمە مەنە ئىكەن.


شۇنداق بولغاندا، «قۇۋ»/«قۇغ» بىلەن «قۇرۇق» دېگەن سۆزلەر يىلتىزداش بولغاندىن باشقا، خەلقىمىزنىڭ «ئەقىلدە پىشىش» دېگەن مەنىنى ئادەم كاللىسىنىڭ ئۆرۈك-شاپتۇل ئاپتاپتا قاق بولغاندەك پىشىشىغا ئوخشىتىپ چۈشەنگىنىنى بىلگىلى بولىدىكەن. يەنە شېۋىلىرىمىزدىكى «قۇۋ بولماق» (تولۇق قۇرۇپ كەتمەك) ... دېگەندەك بىر قاتار سۆزلەرنىڭ باغلىنىشىمۇ مۇشۇنىڭدىن بىلىنىدىكەن.

img-165376014997536b956155b9779babf87506615d0feec2d2a4614d878893359891bd46e7df4b2.jpg

img-165376014630043738c74a3d073ec274712c42b39253d3539062c07a1efa55b629aba26263ae8.jpg

مەزمۇن تامام !!!


ئىزگۈ خاتىرىلەر
//引用方法