بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان
ئىلخەت ساندۇقى: com.qq@471425076
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيەلىك يازمىلار
باھارىم گۈزەلنۇر تۇرسۇن سەرۋى ئاۋازىڭ ئۇرۇلسا يۈرەكلىرىمگە، مەن نېچۈن تۆكۈلۈپ كېتىمەن ساڭا. يارالغان بولساڭ ھە، بولغىلى ھەمراھ، كۆڭلۈمنىڭ تىكەندەك يالغۇزلۇقىغا. كۆز يېشىم تۆكۈلەر سۇلغۇن بېغىڭغا، ھەسرىتىم ئۆستۈرەر چىمەنلىرىڭنى. جېنىمنى باراقسان قىلغىلى كەلدىم، سەن سۆيگەن شامالدىن ئىزدەپ ھىدىڭنى. مامكاپتەك ئېچىلدىم ھۆسنۈمگە تولۇپ، توزۇدۇم كۈتۈشنىڭ بورانلىرىدا. ئەقىدەم گۈللىرى تۇرار قاغجىراپ، بىز ۋەدە بېرىشكەن ئۆرۈكزارلىقتا. بىر مەرتە قانمىغان سۆيگۈڭنى ئىزدەپ، قەلبىمدە بىر غەۋغا گۈرۈلدەپ يانار· مۇھەببەت پەسلىڭدە يۈرسەم زارىقىپ، سەن مېنى سۆيمىگەن، كۈتمىگەن باھار… 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى --- ئۇچتۇرپان
مەزمۇن تامام !!!