بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان
ئىلخەت ساندۇقى: com.qq@471425076
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيەلىك يازمىلار
قىممەتلىك ئۆلۈم
نەسىن ئەلى
مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىم كېلىدۇ،
دوختۇرنىڭ باش لىڭىشتىشىدىن،
دوستۇمنىڭ ئېلىپ كەلگەن شۇم خەۋېرىدىن،
ياپراقلارنىڭ تۆكۈلىشىدىن،
يامغۇرنىڭ سىم-سىم ئاۋازىدىن.
زىمېننىڭ پىغانىدىن،
ياكى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئايرىلىش پەريادىدىن…
بۇ خەۋەر بىردەمدە يۇرىتقا پۇر كېتىدۇ،
تۇنجى بولۇپ مېنىڭ ماڭا تەتۈر قارايدىغان قوشنام ئاڭلايدۇ،
ئۇ بۇقۇلداپ يىغلىغىنىغىچە ئۆيگە كىرىدۇ،
ياش ئىدىڭ، ساڭا يۈرەك قانداق چىدايدۇ دېگىنىچە
باش تەرىپىمدە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ
دائىم ئۈستۈمدىن گەپ تاپىدىغان،
ئۇ دوستۇممۇ ئۆيگە ئۈسۈپ كىرگىنىچە،
سەن كەتكۈچە مەن كەتسەمچۇ،
سەندەك ئېسىل دوستقا يۈرەك چىدامدۇ،
پەريادلىرى بىلەن يۈرەكلەرنى ئېزىۋېتىدۇ.
مېنى ھېچ تونىمايدىغان كىشىلەرمۇ قايغۇرىشىدۇ،
ياش تۆكىشىدۇ.
بىرلىكتە رازىلىق بېرىشىدۇ،
جىنازامنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىستىشىدۇ،
يەرلىكىمگە تۇشمۇتۇش توپا ئېتىشىدۇ.
مەن بۇ شەرەپلەردىن جىمجىت ياتىمەن،
ھوزۇرلىنىمەن.
دېمىسىمۇ بۇ نىمە دىگەن شەرەپ،
ھەممە مەندىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا چىداشماسلىقى،
ھەسرەت چېكىشلىرى،
ئۈنسىز ياش تۆكۈشلىرى،
نېمە دىگەن قىممەتلىك ھە
مەندىن ئايرىلغاندا ھېس قىلغان بۇ قىممەت،
پەقەت ۋە پەقەت ئۆلۈم بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان بۇ ھېممەت …
مەزمۇن تامام !!!