بىرى مەندىن «ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بوپ قالامدۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېرى نېمىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش، نېمىنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايدۇ. -گۈلمان
ئىلخەت ساندۇقى: com.qq@471425076
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيەلىك يازمىلار
گۈل سۇنۇپ كەلدىڭ ھايات، خۇش بولۇپ ئالدىم پۇراپ،
ئۇچ دىدىڭ، بەردىڭ قانات، ئۆزگىلەر قالدى قاراپ.
كۈل دىدىڭ كۈلكە بەردىڭ، كۈلكەم ياندى چوغ بولۇپ،
مەن بىلەن كۈلدى جاھان، تۇمانمۇ كەتتى تاراپ.
كۆي دىدىڭ، كۆيدۈم ئەجەپ گۈلخان ئۇندا نە قىلسۇن؟
ئوتلىرىم مەشرىقتە ياندى، مەغرىپمۇ كۆيدى لاۋۇلداپ.
تۇر دىدىڭ، يۈگۈر دىدىڭ، ھالىمنى ھېچ قويمىدىڭ،
ئاھ بۈگۈن يەتتى ھاردۇق، مەشۇق قالدى ھالسىراپ.
تەنگە يەتكەن مالامەت، ئەسلى ئۇ ھېچ گەپ ئەمەس،
ئەي ھايات ئەزدىڭ كۆڭۈلنى دىل پەرىشان يىغلامسىراپ.
ئارتۇقۇم يوقتۇر ھايات، يەنە سەن بارىم مىنىڭ،
ماڭا بىر تەۋپىق بەرگىن، چەكمىسۇن قەلبىم ئازاپ.
ياشاشنىڭ مەناسى نىمە؟ قەلىبنىڭ غەمخانى نىمە ؟
ئەي ھايات سوراي سەندىن، چىن ھەقىقىي بەرگىن جاۋاپ…؟؟
مەزمۇن تامام !!!