«

كەسىپكە بولغان ئىشتىياق

ۋاقىت:2024-4-11 13:03     يوللىغۇچى:تايروف     تۈرى: ھىكايە - پوۋست


كەسىپكە بولغان ئىشتىياق
ھىكايە (تايروف )

 

باشلانغۇچ ئىككىنچى يىللىق ۋاقىتلارغۇدەيمەن ئۇ ۋاقىتلاردا مەمەت شىۋىر ئىسىملىك بوي بەس قاۋۇل كەلگەن بىراق بالىلارغا قەھرىنى كۆرسەتمەيدىغان ، ئىنتايىن مىھىرلىك ھالدا پۈتكۈل ھېسسىيات بىلەن دەرىس سۆزلەيدىغان بىر تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم بولغان،  ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بولغاندىكىنمۇ  تاڭ بەزى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا  سىنىپنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان  مەشنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇرۇپ ، ئانچە مۇنچە پاراڭلىشىپ قوياتتۇق.

-مۇئەللىم ، سىز نېمە ئۈچۈن بۇ ئايلىق مائاشى نەچچە يۈزيۈئەنگە يەتمەيدىغان مەشكە كۆپرەك  كۆمۈر سالمىسا ، توڭلاتقۇغا ئوخشاپ قالغان سىنىپتا ئولتۇرسىز تەنتەربىيە مەيدانىنىغۇ دىمەيلا قۇياي ، ئىككى ۋارتال نى ئېلۋەتسە بىر قاقاسلىققىلا ئوخشاپ قالدۇ بۇ مەكتەپتە ئىشلىگەندىن كەسىپ  ئالماشتۇرۇپ ، جىقراق پۇل تاپقىلى بۇلدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولمامدۇ .
- بىلسەڭ ئەخمەت تۇرمۇش يولىمىزمۇ تۈپتۈز بولمىغاندەك ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، مەن سىلەرگە سىنىپقا چىقىپ كىرگەچ  ئانچە مۇنچە سىنىپ سوغوقكەن دېگىنىم بىلەن سىلەرگە دەرىس بىرەلىگنىم مەن ئۈچۈن بىر خۇشاللىق ئەمەسمۇ . خۇشاللىق ھەرگىزمۇ ھەممە كىشى قىزىقىدىغان پۇل ، مال دۇنيا بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ  بەلكى ئىنتايىن ئاز قىسىم ئادەملا  ھېس قىلالايدىغان ، مېھرى مۇھەببەت ئۆز كەسپىنى سۆيۈش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئەخمەت ،مانا بۇ تۇرمۇش كارتىنىمىزدا  ۋۇجۇدىدا خۇشاللىق ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار . شۇنداق ، مەكتەپكە بېرىپ كېلىش يولۇمدا ھەر قېتىم مەن نان سېتىۋالىدىغان ناۋاي ئاكىمىزغا دىققەت قىلىپ قالدىم ھەمدە جاڭگالغا بېرىپ مال باققىنىمدا ، ئۇرۇق بىر ئېشەكنى يېتىۋېلىپ ، ئوتۇن تېرىۋاتقىنى كۆرەتتىم,چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە خېرىدارلىرنى ئۇتۇندا ياققان نېنىنى  ياقتۇرۇپ يەيدۇ دەپ كۈندە ئوتۇن تىرىپ كىلىپ نان ياقارمىش ئايالىنىڭ شەھەردە ئىشلەيدىغانلىقىنى پەقەت ھەر ئايدا بىرەر قېتىم كېلىدىغانلىقىنى بىلدىم. بۇلارنى ئاڭلاپ كاللامغا ئايالى ، نېمىشقا كېلىپ ناۋايخانىدا قاراشمايدىغاندۇ ھال كۈنى خېلى ياخشى تۇرۇپ ، بۇ ناۋاي ئاكىمىزمۇ ئايالىنى ئېلىپ كېلىۋالماي داۋاملىق شەھەردە ئىشلىگۈزىدىغاندۇ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار تۇغۇلدى . ئارىدىن بەش ئالتە يىلچە ئۆتۈپ تۇيۇقسىز ناۋايخانا ئالدىدىكى يولغا بىر تازىلىقچى ھەدىمىزنىڭ  كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.  نەچچە يىلنىڭ ياقى 《 بۇرادەرلەردىن》 بولۇپ قالغان مەن ئۇدۇللا  ناۋاي ئاكىمىزنىڭ  قېشىغا بېرىپ سورىدىم .;

- ھە ، ئاكا ، بۇ ھەدىمىز  كىم بولۇپ كەتتى ئەمدى تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالدىغۇ . بۇ يولدا بىر تازىلىقچى ھەدىمىز ئالماشتىمىكىن  دىسەم ھەممەيلەن بار ئىكەن بولمىسا تېخى پات پات دۇكاننىڭ ئىچىللىرنىمۇ سىرىپ  سۈپۈرۈپ قويىدىكەن.
 -ياقەي ، ئۇ دېگەن مېنىڭ ئايالىم يېقىندا شەھەردىن قايتىپ كېلىپ ، بۇ يەردە تازلىق خىزمىتى قىلىۋاتىدۇ بولدى ھەيران قالما . يەنە ئەينى ۋاقىتتا مەن ناۋايلىقنى ئۆگىنىۋاتقاچقا ، ھال كۈنىمىز ياخشى ئەمەس ئىدى ، شۇڭا ئۇنى شەھەرگە تازىلىقتا ئىشلەشكە ئەۋەتتىم بىر مەزگىل ئۆتتى ، مەنمۇ ئۆز ئالدىغا ناۋايخانا ئېچىپ ، ھال كۈنۈم خېلى ياخشىلىنىپ قالدى ئۇنى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدىم ، لېكىن  ئۇماڭا قاراشلىق تامام تاماق ئېتىشقا قىينىلىدىغان بىر نەچچە تاغىللىرىم بار مەن ئۇلارنى قىيىنچىلىققا قويۇپ كېتەلمەيمەن . شۇڭا كېيىنچە بىر گەپ بولسۇن  دېگەن ئىدى ، لېكىن ئەمدىلىكتە قايتىپ كەلدى ، كىرىپ ماڭا قارىشىپ بېرىشنى ئېيتسام  مەن سۈپۈرگەن يولدا باشقىلارنىڭ ماڭغىنى كۆرسەم ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلىدىكەنمەن دېگەن ئىدى  مەنمۇ بىر ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللۇنۋاتقۇچى  كىشىلەر نېنىمنى  ياقتۇرۇپ يەيدۇ دەپ  ئاتايىن يىراقتىن ئوتۇن تېرىپ ئەكىلىپ ياقىمەن باشقىلارمۇ بۇنداق قىينالغۇچى كۆمۈر ئىشلەتسەڭ بولمامدۇ مۇدېدى . لېكىن باشقىلار ننىمنى  ياقتۇرۇپ يېگەندىن كېيىن خۇشاللىقىم ئۇنچىلىك قىيىنچىلىق يېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ، پەقەت ئۆزۈملا ھېس قىلىپ يېتەلەيتتىم ، شۇڭا مەن ئۇنىڭمۇ كەسپىگە بولغان ئىشتىياقى مېنى بويسۇندۇرالىدى ئەمدى مەنمۇ كۆپ گەپ قىلماي قوشۇلدۇم ئىنىم دەپ .ئىچىدە ھەي ، بۇ ئەسلى كەسىپگە  بولغان مۇھەببەت ئوخشايدۇ دېگەنلەرنى پىچىرلىغاچ تونۇرغا گۇپ گۇپ قىلىپ نان چاپلاۋاتاتتى . ھەقىقىي مۇھەببەت ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئادەم بىلەن كەسپ ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقنىڭ ئەينەن  ئىپادىسى ئىدى  خەير ئۆز كەسپىنى سۆيگۈچىلەر خەير بارلىق مېھنەتسىز ئىزدەنگۈچلەر ...

باھا:
avatar
LGTYHFVC 2024-04-17 14:40
ياخشى يازما بوپتۇ .
يەنە بىر ئىش ئاۋۇ كەپەم تور تۇرايىنى تورخۇمار تور تۇراسىغا ئالماشتۇرىۋىتىڭلار
https://www.torhumar.cn/
https://www.torhumar.cn/img/logo.png
commentator
كاكتۇس 2024-04-17 15:30
@LGTYHFVC:ئۆزگەرتىۋەتتىم، ھازىرقى بىكەت ئۇسلۇبىڭىز تېخىمۇ چىرايلىق نەپىس كۈرنىدىكەن ...
commentator
LGTYHFVC 2024-04-17 15:31
@كاكتۇس:رەھمەت ، سىزنىڭمۇ شۇ
avatar
كاكتۇس 2024-04-11 23:57
ئىزچىل  ئىجادىي يازمىللىرىڭىزنى بەھىرلەپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن
commentator
تايروف 2024-04-17 22:21
@كاكتۇس:بۇلىدۇ رەھمەت