«

دادا ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىدىڭىز

ۋاقىت:2024-4-6 00:30     يوللىغۇچى:كاكتۇس     تۈرى: ھىكايە - پوۋست


دادا ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىدىڭىز

 

دۇكاندا ئادەم جىق ئىدى ، بىر ئاكاشنىڭ تۆت ياشلىق ۋە ئالتە ياشلىق بىر ــ بىرىن شوخ ئۇغۇل -قىزى چۈچۈك تىللىرى بىلەن سۆزلەپ دۇكاننى قىزىتىۋاتاتتى .

قىز ئوماق قىلىقلىرى ، چۈچۈك سۆزلىرى بىلەن دۇكاندىكىلەرنىڭ دىقىىتىنى تارتاتتى ،ئاكا سىڭىل ئىككىسىنىڭ سەتىراچخانىدا ئويناپ باقمىغان نەرسىسى قالمىدى ، بىر چاغدا قىز ئۇستۇرنى قولىغا ئېلىۋالدى ،دادىسى نەسىھەت قىلدى :قىزىم قويۇپ قويۇڭ قولىڭىزنى كېسىۋېتىدۇ
قىز ، ياق دېگىنىچە سىرىتقا چىقىپ كەتتى

بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن قىز قولىدىن قان ئاققان ھالدا كىردى
نېم بولدى ؟ - سورىدى دادىسى
قولۇمنى كىسىپ سالدىم - دىدى قىز
-مەن بايا نېمە دىگەن ئىدىم ،
ئوينىما دىسەم ،،،،
مانا قولىڭنى ،،،،
سەن زادى گەپ ئاڭلىماي ،،،

قىز قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈن - تۈنسىز تۇردى ،ئەمما دادىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا تەلـمۈرگىنى چىرايىغا چىقىپ كەتتى .

مۇنداق قىلە ــ دادىسى قىزىنىڭ قولىنى شۇنچىلىك سەت سىلكىپ كىسىلگەن يەرنى كۆرمەكچى بولدى

قىز پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ۋە قولىنى كۆرسەتتى ،دادىسى قىزنىڭ قولىغا قاراپ كېسىلگەن يەرنى تاپالـمىدى
ــ قەيەرنى كەستىڭىز ــ ئاچچىقلىغان ھالدا سۇرىدى دادا
قىز ئۈندىمەي يىغلاپلا تۇراتتى
دادىسى كىسىلگەن يەرنى تاپالـماي يەنە سورىدى
ـــ قەيەرنى كەستىڭىز ؟
ــ قەيەرنى كەستىڭىز دىدىم ؟
ــ مەن كەستىم دېدى قىزنىڭ ئاكىسى
ـ ھە ؟
دادىسى نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالـمىدى
ــ مەن كەستىم دىدى ئوغۇل يەنە ، مەن قولۇمنى كىسىپ سېلىپ سىڭلىمنىڭ قولىغا قاننى سۈركەپ قويغان ....

دادىسى بىلەن قىزنىڭ كۆزى ئۇچراشتى ، دادا قېتىپلا قالدى ،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قارامتۇل چىرايى تېخىمۇ قارىلىشىپ، قاپقارا سىتولبىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى .

سەتىراچ ئۇستا چېچىمنى ياساپ بولدى ، مەن دۇكاندىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ ماڭدىم .

ئېمتاھاندىن ئۆتەلـمىدىڭىز دىدىم مەن ئۇ ئاكاشقا ، ئىشىكتىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن .

زەبانى