«

كارۋات ۋە دېڭىز

ۋاقىت:2024-4-5 22:05     يوللىغۇچى:كاكتۇس     تۈرى: ھىكايە - پوۋست


كارۋات ۋە دېڭىز
(ئەنگىلىيە )
ن ت تەرجىمىسى



جېك شوتلاندىيىگە قاراشلىق بىر كىچىك بازاردا تۇراتتى. ئۇ ئەزەلدىن دېڭىزنى كۆرۈپ باقىمىغان بولغاچقا ئۇنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارمان قىلاتتى. مەلۇم بىر كۇنى ئۇنىڭغا دېڭىزنى كۆرۈش نىسىپ بولدى. ئۇ كۈنى دېڭىزنىڭ ئۈستىنى قويۇق تۇمان باسقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا سۆڭەكتىن ئوتكۈدەك سوغۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ: ‹‹مەن دېڭىزنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن، ئۆزۈمنىڭ خەتىرى بار ماتروس بولۇپ قالمىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمەن›› دېگەنلەرنى ئويلىدى.

ئۇ دېڭىز ساھىلىدا كېتىپ بارغاندا ئۇنىڭغا بىر ماتروس ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى:

-سىز قانداقسىگە سوغۇق ھەم قويۇق تۇمانلار كېزىپ يۈرگەن دېڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز ؟ -دەپ سورىدى جېك.

- ئۇنىڭ قوينى سىز دېگەندەك دائىم سوغۇق ۋە تۇمانلىق بولىۋەرمەيدۇ ، گاھىدا ئۇ تولىمۇ سۈزۈك ۋە گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ. ھاۋا قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن يەنىلا دېڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.

-ماتورس بولۇشنىڭ خېيىم-خەتىرى يوقمۇ؟

-بىر ئادەم ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسىپىنى قىلغاندا خېيم-خەتەر بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. بىزنىڭ ئائىلىدىكى ھەممىمىز دېڭىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز

-سىزنىڭ ئاتىڭىز ھازىر نەدە ؟

-دېڭىزدا قازا قىلغان

-بوۋىڭىزچۇ؟

-ئاتلانتىك ئوكياندا قازا قىلغان

- ئاكىڭىزچۇ؟

-ھىندىستاندىكى بىر دەريادا تىمساقنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچىراپ قازا قىلغان.

-ھەقىقەتەن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلاركەن.- دەپتۇ جېك ،- ناۋادا مەن سىز بولغان بولسام ھەرگىز ماترۇس بولىمغان بولاتىم

-سىز ئاتىڭىزنىڭ نەدە قازا قىلغانلىقىنى دەپ بېرىشنى خالامسىز؟ -دەپ سوراپتۇ ماتروس

-ھە، بولىدۇ، ئۇ كارۋاتتا جان ئۈزگەن

-بوۋىڭىزچۇ؟

-ئۇمۇ كارۋاتتا جان ئۈزگەن

-مۇنداق دەڭ، ناۋادا مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام ھەرگىز كارۋاتقا يىقىن يولىمىغان بولاتتىم دەپتۇ