بىر ئىستاكان قەھۋە
ۋاقىت:2024-4-5 22:58 يوللىغۇچى:كاكتۇس تۈرى: شېئىرلار
بىر ئىستاكان قەھۋە
بىر ئىستاكان قەھۋە -
ئارزۇلاردەك تاتلىق ،
قارارلاردەك قىرتاق ،
كەچمىشلەردەك ئاچچىق .
بىر ئىستاكان قەھۋە -
سېغىنىشتەك تاتلىق ،
سۈكۈت كەبى قىرتاق ،
ھەقىقەتتەك ئاچچىق .
بىر ئىستاكان قەھۋە -
ياشاشتەك تاتلىق ،
قىسمەت كەبى قىرتاق ،
ئۈلۈمدەك ئاچچىق .
زەبانى
باھا: