«

سۆيۈشنىڭ ئۆزىلا گۈزەل رىۋايەت

ۋاقىت:2024-4-19 23:55     يوللىغۇچى:كاكتۇس     تۈرى: شېئىرلار


سۆيۈشنىڭ ئۆزىلا گۈزەل رىۋايەت

مەمەتياسىن ئوسمان

 

تومۇزدا تۇرقۇمنى سەگىتكەن سەلكىن،

ئۇنتۇلغان چۈشلەرنى كەتكەندۇر ئىزلەپ .

قەلبىمگە قاغىلار قونماقتا ئەركىن،

تەقدىرىم شۇ بولسا نە قىلاي سۆزلەپ؟

 

ياپراقلار ئوخشايدۇ مەسۇم بوۋاققا،

بوراندىن بىخەۋەر ئۇيقۇغا كەتكەن.

تۆكۈلگەن ئىززەتلەر چۈشسە تۇپراققا،

سېغىنىش مېنىلا بىقۇۋۇل ئەتكەن...

 

ياندىشىپ ئۆتۈشتۇر ياكى كۈتۈشتۇر،

ئىككىمىز ھەققىدە جىمى رىۋايەت.

ئاھۇدەك كۆزلەردىن ياشلار تۆكۈشتۇر،

ۋىسالسىز كالېندار ئۆرىۋاتقان بەت.

 

2022-8-4